خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، خىتاي شەرقىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقى رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى كۈچەيتشىدىن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلىشىچە: بېيجىڭدىن تارقالغان بەزى مەنبەلەرنىڭ خەۋىرگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ ئەڭ ئىلغار دۇڭفېڭ 17 تىپلىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.
قانداقلا بولمىسۇن ، مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ، تەيۋەن ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى دوڭفېڭ 17 تىپلىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبانىڭ دائىرىسى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا يېتەرلىك ئەمەس، بۇ بومبا بىلەن تەيۋەننى نىشانلاش سەل ئىسراپچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇلار يەنە: «خىتاي بۇ قوراللارنى تەيۋەننى قوللايدىغان ئامېرىكا قىسىملىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش، ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسى ۋە ئاۋىئاماتكىسىغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.
بۇنىڭدىن باشقا ، «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېقىنقى يىللاردا فۇجىيەن ۋە گۇاڭدۇڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى ۋە راكېتا ئارمىيىسى بازىسى كېڭەيتىلگەن بولۇپ ، ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىكەن.
باشقا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەنگە قارشى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە خىتاي ئارمىيىسى روسىيەنىڭS-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ، بۇئارقىلىق تەيۋەن ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھەر قانداق ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى تەھلىل قىلدى.
بېيجىڭدىكى مەنبەلەرگە قارىغاندا ، دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچىسىنىڭ باش ئورگىنى 2017-يىلدىن باشلاپ گۇاڭدۇڭنىڭ چاۋجوۋغا ئورۇنلاشقان بولۇپ ، تەيۋەننىڭ كاۋشيوڭغا قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
2020-10-19
مەنبە: تەكلىماكان خەۋەر مەركىزى