فرانسىيە ھۆكۈمىتى يەنە بىر مەسچىتنىڭ «رادىكاللىشىش» سەۋەبىدىن تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
فرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمان TF1 نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پارىژنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى پانتىندىكى بىر مەسچىتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا كونفلانس ساينت-شەرەپ رايونىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ۋاقتىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ھاقارەتلىگەنلەرگە قارشى رەدىيە بىلدۈرگەن بىر سىننىڭ ھەمبەھىرلەنگەنلىكىنى ئۈچۈن تاقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دارمان ئۆزىنىڭ يېقىنقى 3 يىلدا «رادىكاللاشقان» لىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ فرانسىيىدىكى مەسچىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 356 ئورۇننى تاقىغانلىقىنى بايان قىلىدى.
دارمان قىلغان يەنە بىر باياناتىدا، مۇسۇلمانلارغا تەۋە 51 جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
دارمان 13-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا ، ئالدىنقى ئايدا فرانسىيىدە «رادىكال ئىسلامغا قارشى تۇرۇش» نامىدا يىل بېشىدىن ھازىرغىچە 73 مەسچىت ، خۇسۇسىي مەكتەپ ، جەمئىيەت ۋە خىزمەت ئورنىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2020-10-20
مەنبە: Mepa News