پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى زاھىد ھافىز كاۋدرى ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ 3 ھەپتە ئىچىدە كەم دېگەندە 18 كەشمىرلىكنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ، 40 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
چاۋدرى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ، ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە جاممۇ كەشمىردە 5 بىگۇناھ كەشمىر ياشنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ، چاۋدرى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 20-ئۆكتەبىر يازغان يازما باياناتىدا ، ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان «پۇقرالار قانۇنى» نىڭ ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرغان پائالىيەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنىڭ يېقىندا بېسىمغا ئۇچرىغانلىقىنى ، بولۇپمۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا تەشكىللىگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش سەۋەبىدىن ، نامايىشقا مۇناسىۋەتلىك 1500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
2020-10-25
مەنبە:TRTHABAR