ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى جامىس جېفرېي ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمىس جېفرېي ياۋروپادىكى خىزمەتداشلىرى ، ئەرەب ئەمەلدارلىرى ۋە سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى ئەربابلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. جېفرېي يەنە ئەگەر جو بايدىن پرېزىدېنتلىققا ئېرىشسە، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ۋەكىلى جوئېل رايبۇرننىڭ 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان كۆپ قىسىم ئۇچرىشىشلىرىدا جېفرېي بىلەن بىللە بولغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ياۋروپا ئەمەلدارلىرى بۇنىڭ «ئامېرىكا سىياسىتى ئايدىڭلاشقۇچە دۆلەتنىڭ سىياسىتىنىڭ ھازىرقى باسقۇچتا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جېفرېي ياۋروپا ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە ، ئامېرىكىنىڭ سايلامدا كىمنىڭ غەلبە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى سىياسىتىنىڭ «داۋاملىشىدىغانلىقىنى» ئېيتتى ۋە مۇنداق دېدى: «ئامېركىدا بايدىن ياكى ترامپ ھۆكۈمىتى باش بولسۇن، بىزنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىمىزدا ياكى جازا سىياسىتىمىزدە ۋەياكى ئىراننىڭ سۈرىيىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىشىدا مەنچە ئۆزگىرىشلەرنى مۆلچەرلىمەيمەن».
2020-11-08
مەنبە: Şarkul Evsat / Mepa News