تۈركىيە سۈرىيىدىكى يەنە بىر كۆزىتىش نۇقتىسىنى چېكىنىشكە باشلىدى.
تارقاقلاشتۇرۇشقا باشلانغان كۆزىتىش نۇقتىسى روسىيە ۋە ئىران قوللىغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە ياللانما كۈچلەرنىڭ قورشاۋىدا ئىدى.
يېقىندا ، TSK ھامانىڭ شىمالى ۋە غەربىي شىمالىدىكى 9-ۋە 10-نومۇرلۇق كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى چېكىندۈرگەن بولۇپ، ئەسكەر ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
يېقىندا تارقاقلاشتۇرۇش باشلانغان شەيخ ئاقىل رايونىدىكى 3-نومۇرلۇق كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونغا يۆتكىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
2017-يىلى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە تۈركىيە ، روسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئىدلىب قارمىقىدىكى ئىدلىب جىددىيلىكىنى ئازايتىش رايونى، بىر قىسىم ھاما ۋە ھەلەپ يېزىلىرى، روسىيە ۋە ئىران قوللىغان ھاكىمىيەتتىكى رايوندا ئۇرۇش توختىتىش كۆزىتىش نۇقتىسى قۇردى. 2019-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمىدا ئۇ بۇ نوقتىلار قورشاۋىدا قالغان ئىدى.
2019-يىلى روسىيە ۋە ئىران قوللىغان ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا تۈركىيەنىڭ 8 كۆزىتىش نۇقتىسى قورشاۋدا قالغان. ئۇلارنىڭ 9 ۋە 10 ىنى تارقاقلاشتۇرۇش تاماملانغان. ھازىر 3-نومۇرلۇق كۆزىتىش نۇقتىسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىشى پىلانلانماقتا.
2020-11-10
مەنبە: Mepa News