ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى مونىكا كروۋلېينىڭ يازما باياناتىدا ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 14-ئاۋغۇست خىتاي تېخنىكا شىركىتى ByteDance نىڭ ئامېرىكىدىكى تىجارىتىنى 90 كۈن ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا ، ئامېرىكىدىكى چەتئەل مەبلەغ سېلىش كومىتېتى (CFIUS) نىڭ ByteDance غا بېرىلگەن مۆھلەتنى 12-نويابىرغىچە يەنە 15 كۈن ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
شۇنداق قىلىپ ، بۇ ئۇزارتىش ئارقىلىق تەرەپلەر ۋە كومىتېتقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوشۇمچە ۋاقىت بېرىلدى.
ترامپ 2 پەرمانغا ئىمزا قويدى
ترامپ 6-ئاۋغۇست ئىككى قارار ئىمزالاپ ، ئامېرىكا شەخسلىرى ياكى تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئاساس قىلىپ ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىلتىماسى TikTok ۋە WeChat بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلىدى.
بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن TikTok نىڭ خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشىنى خالىمايدىغان ترامپ ۋە ئامېرىكىدىكى بىر شىركەتنىڭ TikTok نىڭ ئامېرىكىنىڭ قولىغا ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ، TikTok ئىلتىماسىنىڭ خوجايىنى بولغان خىتاي تېخنىكا شىركىتى 90 ByteDance كۈن ئىچىدە ئامېرىكىدىكى تىجارىتىنى بىكار قىلدىغانلىق تۇغرىسىدا پەرمان چىقاردى.
بۇ مەزگىلدە، تاراتقۇلارغا ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان مىكروسوفتنىڭ خىتاي ByteDance شىركىتىگە تەۋە TikTok ئىلتىماسىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرغا قۇيغان بولسىمۇ، 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكىنىڭ بۇ قوللىنىشچان پروگراممىنىڭ مىكروسوفتقا سېتىلمايدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلۈپ، ByteDance نىڭ Oracle بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكى كۆرسىتىلدى.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش» نى ئاساس قىلىپ، TikTok نىڭ دۆلەت ئىچىدە چۈشۈرۈشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ، تىرامپ Oracle-Walmart ھەمكارلىقىدا TikTok نىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سېتىۋېلىش مۇمكىنچىلىكى بار كېلىشىمگە ئىمزا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن. چەكلەش بۇيرۇقى 27-سېنتەبىرگە كېچىكتۈرۈلدى.
بۇ قارار يولغا قويۇلۇشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى ، ۋاشىنگتوندىكى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى TikTok چەكلىمىسىنى ۋاقتىنچە توختاتتى.
2020-11-14
مەنبە: TRTHABAR / AA