ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتقا جايلاشقان ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بار يېشىل رايون تۈنۈگۈن كەچتە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
يەرلىك مەنبەلەرنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن كەچتە ئەتراپتىكى رايونلاردىن ئېتىلغان كەم دېگەندە 7 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەلچىخانىغا چۈشكەن.
ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەۋە C-RAM قورال سىستېمىسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوزغىتىلدى.
رايون مەنبەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يېشىل رايوندىكى چەتئەللىكلەرگە تەۋە بىنالارغا ھېچقانداق زىيان بولمىغان، 7 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 4 ى يېشىل رايونغا، 3 ى پۇقرالار ئولتۇراق رايونىغا چۈشكەن. باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پۇقرالار رايونىدا ھەممىسى ئىراقلىق بولغان 5 ئادەم يارىلانغان بولسا ، بىر قىز ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بۇ رايوندىكى ئىران قوللىغان شىئە قوراللىق تەشكىلاتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە مىناميوت بىلەن يېشىل رايوننى نىشانلاپ كەلدى.
بۇ ھۇجۇم ئامېرىكا ئىراقتىكى ئەسكەر سانىنى 2500 گە قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان پەيتتە يۈز بەردى. بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئامېرىكىدا تەخمىنەن 2500 ئەسكەر قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىگە قارىتا ھۇجۇم قىلغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
2020-11-18
مەنبە: Mepa News