ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، فرانسىيە، گىرىك قىبرىس، مىسىر ۋە گرېتسىيەنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى.
تەرەپلەرنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسى قاتناشقان مانېۋىر مىسىرنىڭ ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىن باشلاندى.
بۈگۈن (30-نويابىر) باشلانغان مانېۋىرنىڭ 6-دېكابىرغىچە داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
مانېۋىرنى گىرىك قىبرىس ۋە گرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى رەسمىي ئېلان قىلدى.
بۇ يىل، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە فرانسىيەمۇ مىسىر، شۇنداقلا گىرىك قىبرىس ۋە گرېتسىيە قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرغا قاتناشتى.
بۇ رايوندىكى مانېۋىر تۈركىيەگە قارشى ئىتتىپاقنىڭ كېڭىيىشىدىكى كرىزىس كەيپىياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئىپادىلەيدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەت مەسلىھەتچىلىكىدىن مايور پىنار كارا ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ئەمەلىيەتكە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى.
تۈركىيە بۇ 5 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىغا قاتتىق ئىنكاسى قايتۇردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى گرېتسىيە، مىسىر، فرانسىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە گىرىك قىبرىسقا ئىنكاس قايتۇردى. مىنىستىرلىق باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۇ مانېۋىر جىددىيلىك ۋە تىنچلىق ۋە دىئالوگتىن قېچىشنى خالايدىغان تەرەپلەرنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى».
2020-11-30
مەنبە: Mepa News / TRTHABAR / AA