تالىبان قاتاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئافغانىستانلىقلار تىنچلىق سۆھبىتىدە مۇھىم بىر قەدەم تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تالىبان سىياسىي ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى در. مۇھەممەد نايىم ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى باياناتىدا تونۇشتۇرۇش تەرتىپى ۋە سۆھبەتتە ئەمەل قىلىنىدىغان كۈن تەرتىپىنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
نايم تۆۋەندىكى بايانلىرى:
«ئافغانىستانلىقلار ئارا سۆھبەتنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرتىپلەر تاماملاندى ، بۇنىڭدىن كېيىنكى سۆھبەت كۈن تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ».
تەرتىپ كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى
باياناتچى نايىمنىڭ 28-نويابىر ئىجتىمائىي تاراتقۇدا قىلغان باياناتىغا قارىغاندا ، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا 21 ماددىلىق تەرتىپ كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان.
نايىم باياناتىدا تۆۋەندىكى بايانلارنى قوللاندى:
«ئافغانىستان ئارا سۆھبەتنىڭ تەرتىپى 2020-يىلى 15-نويابىر سۆھبەت ھەيئىتى ئوتتۇرىسىدا 21 ماددا قىلىپ بېكىتىلدى ۋە ئاخىرلاشتۇرۇلدى. بۇ تەرتىپ 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ساھىبخان دۆلەت ئالدىدا تەرجىمە قىلىندى.
بۇ تەرتىپنىڭ بىر نۇسخىسى ھەر ئىككى سۆھبەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ساھىبخان دۆلەتكە يەتكۈزۈلدى.
تەرتىپ كېلىشىمىدىن كېيىن سۆھبەتنىڭ تېزلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
كابۇل ھۆكۈمەت ۋەكللىرى ئوتتۇرسىدىكى سۆھبەت ئىختىلاپى
يەنە بىر تەرەپتىن ، رايون مەنبەلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، كابۇل ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن سۆھبەت گۇرۇپپىسى ئىچىدە پىكىر پەرقى بار.
ئىگىلىنىشچە ، ئافغانىستاندا پرېزىدېنتلىق سالاھىيىتىدە بولغان ئەشرەف غېنىغا يېقىن ئىسىملار سۆھبەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى سەلبى دەپ قارىغان بولسا ، ئابدۇللا ئابدۇللاغا يېقىن كىشىلەر سۆھبەتنى ئىجابىي دەپ قارايدۇ.
بۇ دۆلەتتە ، غېنى، ئابدۇللا، ئابدۇرېشىد دوستۇم ، دۆلەت بىخەتەرلىك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئەمرۇللا سالىھ ، تاجىكىستان جەڭچىسى ئاتتا مۇھەممەد نۇر قاتارلىق ئىسىملار ئارىسىدا جىددىيلىكنىڭ كۈچەيگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
گەرچە سۆھبەت داۋاملاشقان بولسىمۇ ، ئەمما ئافغانىستاندا توقۇنۇش ۋە سىياسىي جىددىيلىكنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئافغانىستانلىقلار ئارا سۆھبەت
ئافغانىستانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى 12-سېنتەبىر قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا باشلاندى.
سۆھبەت جەريانىدا ، ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر ئۆز-ئارا ئورتاق تونۇش دائىرىسىدە مۇزاكىرە قىلىندى.
2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىمىدە ، سۆھبەتنىڭ 10-مارت باشلىنىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلدى.
سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دۆلەتتە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ۋە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش قاتار؛ىقلار.
2020-12-03
مەنبە: Mepa News