ئامېرىكا 2020-يىلى 175 مىليارد دوللارلىق قورال ساتتى. بۇ ساننىڭ ئىچىدىكى 50 مىليارد 780 مىليون دوللار ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم ئارقىلىق سېتىلغان قوراللار بولۇپ، ئامېرىكا ئەڭ كۆپ قورالنى ياپونىيە، ماراكەش ۋە ئىسرائىلىيەگە ساتقان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە بەشبۇرجەكلىك بىنا 2020-يىلى 175 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سېتىش سوممىسىنىڭ 50 مىليارد 780 مىليون دوللار «چەتئەل دۆلەتلەرگە سېتىش»، 124 مىليارد 300 مىليون دوللار «بىۋاسىتە سودا سېتىش» ئارقىلىق سودا قىلىنغان.
بۇ قوراللارنىڭ كۆپ قىسىمى ياپونىيەگە سېتىلغان بولۇپ، ياپونىيەگە 23 مىليارد 110 مىليون دوللارغا 105 F-35s سېتىۋالغان. ماراكەش 4 مىليارد 250 مىليون دوللارغا AH-64E تىپلىق تىك ئۇچار سېتىۋالغان. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ F-35 نىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە سېتىلىشى 11-دېكابىر مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
2020-12-06
مەنبە: HAKSÖZHABAR