ئىگىلىنىشچە، روسىيە ھەربىي قىسىملىرى سۈرىيە-ئىراق چېگراسىدىكى ئىران كونتروللۇقىدىكى ئەل بۇكېمال شەھىرىگە كىرگەن.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا ، روسىيە ھەربىي قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى دەيرىززور ۋىلايىتىنىڭ ئىراق چېگراسىدىكى ئەل بۇكېمالغا كىرىپ شەھەردىكى بىر مېھمانخانا بىناسىنى ھەربىي بازىغا ئايلاندۇرغان.
بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان روسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ رايوندىكى باش شتابىنىڭ سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
روسىيەنىڭ ئەل بۇكېمال شەھىرىگە قارشى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشى ئىلگىرى ئىران قوللىغان شىئە قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ۋاسىتىلىك توسۇلۇپ قالغان.
ئەل بۇكېمالدا ئىلگىرى روسىيە قوللىغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئىران قوللىغان شىئە قوراللىق كۈچلىرى بار بولۇپ، ئىران قوللىغان شىئە قوراللىق كۈچلىرى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى شەھەردىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى.
2020-12-13
مەنبە: Mepa News