پاكىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر باش مىنىستىر ئىمران خاننىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
لاھور شەھىرىدە، تۈمەنلىگەن كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ ، خىتاي ۋىرۇسقا قارشى تەدبىرلەرگە قارىماي خاننىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. 11 ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان پاكىستان دېموكراتىك ھەرىكىتى نامايىشقا رەھبەرلىك قىلىدۇ. نامايىشچىلار پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ سىياسەتتىكى رولى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
پۇل پاخاللىقى، ئىقتىسا، پۇقرالار ھوقۇقىنىڭ چەكلىمىسى ۋە ئاخباراتقا بولغان بېسىم ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شەرىف ۋە بېنازىر بۇتتو ۋە ئۇيۇشما باشلىقى ئىسلام (F) نىڭ رەھبىرى مېۋلانا فازلۇرراخماننىڭ پارتىيىلىرى ئىمران خاننىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئۆكتىچىلەردىن.
2018-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ، خان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭ ئارمىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان.
2020-12-14
مەنبە: Mepa News