يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھرىدە بايقالغاندا، يېرىم مىليون ئادەمنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە كومىتېتى شەھەردە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ 50 مىڭ 354 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
CNN خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسى دائىرىسىدە، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، چياڭسۇ، سىچۈەن ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى 34 مىڭ كىشىدىن قان ئەۋرىشكىسى ئېلىنغان.
مۇتەخەسسىسلەر COVID-19 ئانتىتېلاسىنىڭ تارقىلىش نىسبىتىنىڭ 11 مىليونلۇق چوڭ شەھەر ۋۇخەندە ياشايدىغانلارنىڭ %4.43 ئىكەنلىكىنى، خۇبېينىڭ باشقا شەھەرلىرىدە سىناق قىلىنغانلارنىڭ بۇ نىسبەتنىڭ 0.44 ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
تەتقىقاتچىلار «ۋۇخەن ئاھالىلىرىنىڭ ئانتىتېلانىڭ تارقىلىش نىسبىتى 4.43 نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شەھەردىكى ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ 10 ھەسسىسىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، يەنى 500 مىڭ كىشىنىڭ COVID-19 بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.
ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە كومىتېتى: پەقەت 50 مىڭ كىشى يۇقۇملاندى
ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە كومىتېتى شەھەردىكى COVID-19 بىمارلىرىنىڭ سانىنىڭ 50 مىڭ 354 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ھازىرغىچە COVID-19 بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى جەمئى 87 مىڭ 277 دە ئىلان قىلماقتا.
2020-12-30
مەنبە: TRTHABAR