تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان ھىندىستاندا كۈندىلىك كېسەللىك سانى ئازىيىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما خىتاينىڭ خېبېي ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم ئولتۇراق رايونلار «يۇقىرى خەتەرلىك رايون» دەپ ئېلان قىلىندى.
ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 16 مىڭ 375 يېڭى بىمار بايقالغان، ئومۇمىي بىمار سانى 10 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 201 ئادەم قازا قىلغانلىقتىن، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 150 مىڭغا يېقىنلاشقان بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى كۈندىلىك يۇقۇمنىڭ سانى يېقىنقى 6 ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالدى.
COVID-19 سانلىق مەلۇماتلىرى توپلانغان «Worldometers» تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھىندىستان «دۇنيادىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ ئىككىنچى دۆلەت ۋە ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئەڭ كۆپ دۆلەت» ئىكەن.
خېبېي ئۆلكىسى ھوشيارلىقنى ئۆستۈردى
خىتاينىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 33 يېڭى COVID-19 ۋىرۇسى بايقالغان بولسىمۇ، ۋىرۇس سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان يۇق. (بۇ يالغان بولۇشى مۇمكىن)
خىتاي خېبېي ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم ئولتۇراق رايونلاردا يېڭىدىن پەيدا بولغان يۇقۇملار سەۋەبىدىن تەدبىر كۈچەيتتى. شەھەرنىڭ بەزى جايلىرى «يۇقىرى خەتەرلىك رايون» دەپ ئېلان قىلىندى.
COVID-19 يۈز بەرگەن خىتايدا ھازىرغىچە 87 مىڭ 183 ئادەم بايقالغان ، 4 مىڭ 634 ئادەم قازا قىلغان ، 82 مىڭ 117 ئادەم ئەسلىگە كەلگەن.
خىتاي داۋاملىق COVID-19 تۇغرىسدىكى مەلۇماتلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇمەتلارنىڭ يالغانلىقى بىلىنمەكتە.
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى خىتاي COVID-19 توغرىسىدا نەق مەيدان تارقاتقان بىر مۇخبىرنى 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىللىرىدا غۇلغۇلا قۇزغىدى.
2021-01-05
مەنبە: تەكلىماكان / TRTHABAR / AA