قاتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا «قاتارنى قامال قىلىش كېلىشىمى» ئىمزالىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت نەتىجىسىدە، دېڭىز قولتۇقى كرىزىسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلىشىشىدىن ئۈمىد بار.
بۇ ھەقتىكى بايانات كۇۋەيتتىن كەلگەن بولۇپ ، بۇ تەرەپلەر بىر مەزگىل مۇرەسسە قىلغان.
كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ناسىر مۇھەممەد ئەس ساباھنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ، قاتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇق ، ھاۋا ۋە دېڭىز چېگراسى تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ ئېچىلغان. ساباھنىڭ بايان قىلىشىچە ، قاتارنىڭ ئەمىرى ، شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئەل سانى ، كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ناۋاف ئەل ئەھمەد ئەل سابىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلمان ئوتتۇرىسىدا تېلېفون سۆھبتى ئېلىپ بېرىلغان.
سەئۇدى ئەرەبىستاننى قاتارنىڭ قامال قىلىشىدا قوللىغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، بەھرەيىن ۋە مىسىرنىڭمۇ نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىگە قاتنىشىدىغانلىقى بايان قىلىندى.
قاتارنىڭ ئەمىرى شەيخ تامىمنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ 41-دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قاتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەنىڭ قارشى ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2017-يىلى 6-ئايدا ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەر باشچىلىقىدىكى دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈپ ، ۋەزىيەت رايوندا كرىزىس پەيدا قىلدى.
2021-01-05
مەنبە: تەكلىماكان / TRTHABAR / AA