جو بايدىننىڭ پارلامېنتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسكەرلەرنىڭ قوراللىرى بار ئەمما ئوقدانى يوق…
ئەتە قەسەم بېرىشتىن ئىلگىرى ، سايلانغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈلدى.
ئالدىنقى ھەپتە ۋاشىنگتونغا ئەۋەتىلگەن ئامېرىكا مىللىي مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ رەسىملىرى پارلامېنت مەھكىمىسنىڭ يەردە ئارام ئېلىۋاتقانلىقى، ئەسكەرلەرنىڭ قوراللىرىدا بولسا ئوقدان يوقلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئامېرىكىدا پرېزىدېنتلىققا سايلانغان جو بايدىن كەڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىلىۋاتىدۇ. دۆلەت مۇداپىئەسى پايتەخت ۋە قۇرۇلتاي بىناسى ئەتراپىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرگە قارشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 20 مىڭدىن ئارتۇق قوغدىغۇچى ۋاشىنگتون كوچىلىرىدا چارلاشنى باشلىدى. ئامېرىكا قۇرۇلتاي بىناسى قورشاۋدا ، برونىك ماشىنىلارمۇ ئوخشىمىغان نۇقتىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى
ئامېرىكىدا پرېزىدېنتلىققا سايلانغان جو بايدىننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئەتە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدىن كېيىن، ۋاشىنگتون ۋە 50 ئىشتاتتىكى بىخەتەرلىك گۇرۇپپىلىرى قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا ھوشيارلىقنى ئۆستۈردى، بەزى شىتاتلارنىڭ مەمۇرىي مەركەزلىرىدە قوراللىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇلار ئاپتومات بىلەن يۈرۈش قىلدى
ئوخايو شىتاتىدا تەخمىنەن 50 نەپەر دونالد ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى مىلتىق ۋە باشقا قوراللارنى كۆتۈرشىپ «يا ئەركىنلىك ياكى ئۆلۈم» دېگەن خەت يېزىلغان بايراق بىلەن دۆلەت مەجلىسىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. مىچىگاندا خەلق ئەسكەرلىرى قىياپىتىگە ئىگە بىر قانچە قوراللىق نامايىشچىلار شىتات پارلامېنتى بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلدى. 100 نامايىشچى تېكساس شىتاتىدىكى ھەرىكەتكە يىغىلدى. بىر قىسىم گۇرۇپپىلارنىڭ AR-15 مىلتىقلىرىنى كۆتۈرگەنلىكى كۆرۈلدى. بۇ نامايىشچىلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.
2021-01-19
مەنبە: TRTHABAR / AA