رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىجتىمائىي سىياسەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تاتيانا كۇسايكو ، خىتاي ۋىرۇس بىمارلىرى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان دوختۇرلارنىڭ بالدۇر پىنسىيەگە چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سپۇتنىكتىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كۇسايكو NSN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتاي ۋىرۇس بىمارلىرى بىلەن بىر ئاي ئىشلىگەنلەر ئۈچ ئاي ئىشلىگەن دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا پېنسىيەگە چىقىش ئېھتىماللىقىنى قايتىدىن ھېسابلىغىلى بولىدۇ». ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ۋىرۇس بىمارلىرى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان دوختۇرلار باھاسى 1.5 مىليون رۇبلىغىچە بولغان ماشىنىلارغا ئېتىبار بېرىدۇ.
روسىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋىلادىمىر كرۇگلىي سپۇتنىكقا بۇ تېمىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئېنىق ستاتىستىكا يوق ، نۇرغۇن ئىشلار رايون ۋەزىيىتىگە باغلىق. قانداقلا بولمىسۇن، روسىيەنىڭ ساغلاملىق خىزمەتچىلىرىنىڭ% 20-25 ى بالدۇر پىنسىيەگە چىقالايدۇ دەپ قارايمەن ».
2021-01-20
مەنبە: Mepa News