بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە سادىق كۈچلەر سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى ئىران قوللىغان شىئە ياللانما ئەسكەرلىرىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ باردى.
ئىران ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلىرىغا قاراشلىق 47-پولك ياللانما ئەسكەرلىرىدىن بىر قانچە كىشى سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى ئەل بۇكېمال بازىرىدا ھاكىمىيەت قىسىملىرى ئېلىپ بارغان تۇتۇپ تۇرۇش ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنغان.
قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىسىملارنىڭ بارلىقى ۋە ھۇجۇم شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتنىڭ شىئە ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.
سۈرىيەنىڭ شەرقىدە كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ئىران بىلەن روسىيە ھەربىي كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا بۇ خىل جىددىيلىك كۈنسېرى كۆپەيدى.
ئىران-روسىيە جىددىيلىكى يۈز بەرگەن دېرىززوردا نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟
لىۋان ھىزبۇللا ھەرىكىتى، El Nuceba ، Fatimiyun ۋە Zeynebiyun مىلىتارىست گۇرۇپپىلىرى دىر ئەززوردا ئىران ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئەل مېيادىن ۋە ئەل بۇكېمال شەھەرلىرىنى ، شۇنداقلا دېرىززورنىڭ مەركىزىنى كونترول قىلماقتا.
ئىراننىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرى چەتئەلدىن بۇ رايونغا ئېلىپ كەلگەن شىئە ياللانما ئەسكەرلىرى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئىران ئۇزۇندىن بۇيان يەرلىك كىشىلەردىن ئەسكەر قوبۇل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى.
مەلۇمكى ، ئىران كۆپىنچە ئافغانىستاندىن ئېلىپ كەلگەن شىئە ياللانما كۈچلىرىنى ۋە پاكىستاندىن ئېلىپ كەلگەن باشقا شىئە ياللانما كۈچلىرى بولغان گۇرۇپپىلىرىنى ئىشلىتىدۇ.
ئىراننىڭ سۈرىيىدىكى ئىدىيىۋى ، سىياسىي ۋە ھەربىي تەسىرىنى كۈچەيتكەن دېرىززور ۋىلايىتى ئىنتايىن مۇھىم جۇغراپىيىلىك رايون بولۇپ، ئىراق بىلەن چېگراداش.
2021-01-27
مەنبە: Mepa News