مەنبە: | Mepa News DW Türkçe
سەيشەنبە; 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 09-كۈنى ……
گېرمانىيە «Neuer Osnabrücker Zeitung» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئۆتكەن يىلى پۈتۈن مەملىكەتتە كەم دېگەندە 901 ئىسلامغا قارشى جىنايەت خاتىرىلەنگەن. گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سولچىل پارتىيەنىڭ پارلامېنت سوئالىغا بەرگەن ئىنكاسىغا ئاساسەن دوكلاتتا ، 2020-يىلى مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان تەشكىلاتلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ 2019-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 2 ئاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مىنىستىرلىق تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 2019-يىلى مۇسۇلمانلارغا 884 قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
سولچىل پارتىيە ئەمەلدارلىرى 2020-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتنىڭ تېخى ئاخىرقى سان ئەمەسلىكىنى ، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خاتىرىلىنىشى مۇمكىن بولغان باشقا جىنايەتلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچە ئوڭ قانات ئىكەنلىكى ، ھۇجۇمدا 48 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىنغان. ھۇجۇمدا جىسمانىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ سانىنىڭ 2019-يىلدىكىگە قارىغاندا كۆپ ئىكەنلىكى ، ئىككى كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
مىنىستىرلىقنىڭ ئىنكاسىدا ، 2020-يىلى خاتىرىلەنگەن 77 دېلودا ، مەسچىتلەرنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى ۋە تاملارغا يېزىلغانلىقى ياكى بۇزۇلغانلىقى تەكىتلەندى. مۇسۇلمان تەشكىلاتلارغا تەھدىد خېتىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە كوچىدا رومال ئارتقان ئاياللارغا ياكى مۇسۇلمان دەپ چۈشىنىلگەن ئەرلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملار بايان قىلىنغان. مىنىستىرلىقنىڭ ئىنكاسىدا ، مەسچىتلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي زىياننىڭ دەرىجىسى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.
«جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇنمايدىغانلارمۇ بار».
مىنىستىرلىكنىڭ گېزىتكە تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا باھا بەرگەندە ، سولچىل پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مۇتەخەسسىسى ئۇللا جېلپكې: «بۇ خاتىرىلەنگەن ھەرىكەتلەر پەقەت مۇز تاغنىڭ بىر ئۇچى» دېدى. جېلپكې مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە خىتاي ۋىرۇسى تەدبىرلەر سەۋەبىدىن ئاممىۋى ساھەدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى بىر قەدەر ئاز بولسىمۇ ، ئەمما مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملار كۆپىيىۋاتىدۇ.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قورقۇنچ ياكى ئىككىلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇنمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ، جېلپكې كەمسىتىشكە قارشى ئۈنۈملۈك ھەركەت تەلەپ قىلدى.