مەنبە: Clash Report
سەيشەنبە; 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 09-كۈنى ……
روسىيە قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندىن كېيىن ، بۇ رايوننى ھەربىي بازىغا ئايلاندۇردى. 7 يىلدا يېرىم ئارالدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئۇكرائىنا دۆلەتلىك ئالەم ئەسلىھەلىرىنى كونترول قىلىش ۋە سىناق مەركىزى بىر-بىرلەپ بايقىدى ۋە رەسىمىنى ئېلان قىلدى.
دونۇزلاي كۆلى ئەتراپىدىكى نوۋوزېرنويې كەنتىدە ، 2018-يىلدىكى سۈرەتلەردە پەقەت تاشلىۋېتىلگەن ئېغىللارلا بار. 2019 ۋە 2020-يىللىرى رايوندا چوڭ ھەربىي بازا قۇرۇلدى. بازىنىڭ ئىچىدە مىڭلىغان قورال ۋە ھەربىي ماشىنىلار بار دەپ قارالماقتا.
سېۋاستوپولغا يېقىن جايدىن تارتىلغان بۇ سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدە 2016-يىلدىن باشلاپ قۇرۇلۇشقا باشلىغان ھەربىي پونكىت ۋە ئون نەچچە سۈنئىي ھەمراھ قوبۇللىغۇچنىڭ ھەر بىرىنىڭ دىئامېتىرى كەم دېگەندە 5 مېتىر كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
كېرچقا يېقىن جايدا تاۋرىدا تاشيولىدا كەم دېگەندە 8 دانە S-400 مۇداپىئە سىستېمىسى بار. ئېۋپاتورىيە يېزىلىرىدا روسلار 30 مېتىر كەڭلىكتىكى رادار سىستېمىسى ئورناتتى. شەھەردىكى كونا ئالەم مەركىزى ئارمىيە بازىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
دانكوي ئايرودرومىدا نۇرغۇنلىغان S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە MI-28N تىك ئۇچار ئايروپىلانى بار ، بۇلار روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ زامانىۋى «كېچىلىك كۈرەشچى» دەپ ئاتالغان.
روسلار سېۋاستوپول ئەتراپىدىكى بېلبېك ئايرودرومىغا مىليون رۇبلى خەجلەپ ئايرودروم كېڭەيتىلدى. ھازىر ، ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى Tupolev Tu-160s ۋە يادرو قوراللىرى ئىقتىدارى بار ئايروپىلانلار بېلبېكقا قونالايدۇ.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، روسلار كېڭەيتىلگەن بېلبېك ئايرودرومىغا 50 نەچچە ئۇرۇش ۋە توشۇش ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرغان. ئايروپىلانلارنىڭ كۆپىنچىسى SU-30 ۋە SU-35s ئىكەن.