ئوتتۇر شەرىقخەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسى سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقكە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

مەنبە:  Mepa News

دۈشەنبە ، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى……

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيەت مەركەزلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

يەرلىك مەنبەلەرگە قارىغاندا ، دەمەشىق يېزىلىرىدىكى كىسۋا رايونىدا ھاكىمىيەتكە چېتىشلىق بىر چوڭ ھەربىي مەركەز نىشان قىلىنغان. مەلۇمكى ، بۇ رايوندا ئىران قوللىغان ياللانما ئەسكەرلىرى گۇرۇپپىلىرى ۋە ئىران ئارمىيىسى قىسىملىرى ئاكتىپ ھەركەت قىلىدىكەن.

مەنبەلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ھۇجۇمدىن كېيىن رايوندا چوڭ پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر ئىسرائىلىيەنىڭ كېچىدە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ، ھاكىمىيەتنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ھاۋادا ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بۇ ۋەقەگە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى0. ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئاۋىۋ كوچاۋى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا 2020-يىلى سۈرىيەدە 500 دىن ئارتۇق نىشاننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى.

2011-يىلى سۈرىيەدە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ، ئىسرائىلىيە دائىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button