مەنبە: Mepa News
سەيشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ….
ئىگىلىنىشچە ، سۈننىي مەزھىپى بېلۇچ جەيش ئەل ئەدل گۇرۇپپىسى ئىران ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلىرىغا تەۋە ھەربىي ماشىنا ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان.
يەرلىك مەنبەلەرگە قارىغاندا ، ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلارغا تەۋە ماشىنا ئەترىتى ئىراننىڭ سىستان ۋە بالۇچىستان ئۆلكىسىدىكى سېراۋان شەھىرىگە يېقىن بېم پاش رايونىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇم ناھىيەنىڭ كاشتېگان رايونىدا يۈز بەرگەن.
ماشىنا ئەترىتىدە ئىككى ھەربىي ماشىنىنىڭ سوقۇلغانلىق ، ھۇجۇمدا قازا قىلغان ۋە يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ بار ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
جەيش ئەل ئەدل ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ تەشكىلاتقا قاراشلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەنبەلىرى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن باياناتتا ، ئىران ئىنقىلابى قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ رايوندا ھۇجۇم قىلىنغانلىقى، ھۇجۇمدا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى بايان قىلىنغان.
بۇ رايوندا ئىران ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىش بىر مەزگىل داۋاملاشتى. 10 بەلۇچ تىجارەتچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىشى ئىران ھۆكۈمىتىگە قارىتا قارشىلىقنى تېخمۇ كۈچەيتكەن. ئىران قىسىملىرى پۇقرالارغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى ، ھاكىمىيەتنىڭ رايوندا ھەربىي توپلاۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
جەيش ئەل ئەدل
2003-يىلدىن باشلاپ ئىراندا «سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر ئۆز ھوقۇقىنى قوغدايدۇ» دېگەن بايانات بىلەن بۇ دۆلەتتە نۇرغۇن ھۇجۇملارنى قىلغان «جۇندۇللا» گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى ئابدۇلمالىك رىگى 2010-يىلى تۇتۇلغان ۋە ئۆلۈم ئىجرا قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا تەشكىلىنىپ، 2012-يىلى «جەيش ئەل ئەدل» نامىنى بىلەن ئوتتۇرغا چىققان.
جەيش ئەل ئەدل ئىران-پاكىستان چېگراسىدىكى بالۇچىستان رايونىدا ئاكتىپ ھەركەت قىلىپ كەلمەكتە.