مەنبە: trthaber / AA
سەيشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ….
روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف مۇنداق دېدى: ئامېرىكا روسىيەگە قارشى ئۆكتىچىلەر ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى سەۋەبى بىلەن دۆلىتىگە قارىتىلغان جازاغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.
لاۋروۋ بىلەن ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ پايتەخت موسكۋادا كۆرۈشكەندىن كېيىن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.
روسىيەنىڭ رەقىبى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى سەۋەبىدىن روسىيەگە قارىتىلغان جازاغا باھا بەرگەن لاۋروف ئامېرىكىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە بىر تەرەپلىمە ۋە «قانۇنسىز» جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.
لاۋروۋ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىلىق خىزمەتداشلىرىمىز ۋە ئۇلاردىن ئۈلگە ئالغان ياۋروپا بىرلەشمىسى ھەمىشە سەۋەبسىز جازا يۈرگۈزىدۇ.
بىز جەزمەن ئىنكاس قايتۇرىمىز.
لاۋروۋ ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولغان جازالىرىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم ئىنكاس قايتۇرىمىز. ھېچكىم دىپلوماتىيە قائىدىسىنى بىكار قىلمىدى. دىپلوماتىيە قائىدىلىرىنىڭ بىرى ئۆز-ئارا جاۋاب قايتۇرۇش».
لاۋروف ئافغانىستان مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ ، بۇ مەسىلىنى سىياسىي دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاي ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا ، لاۋروف روسىيەدە ئىشلەنگەن (GamKovidVak) ۋاكسىنىسىنى بالدۇرراق ئۆزبېكىستاندا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.