861
مەنبە : Mepa News / DW Türkçe
يەكشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ….
تۈنۈگۈن خەۋەر قىلىنىشىچە ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇرسۇلتاندىن يولغا چىققان ھەربىي ترانسىپورت ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن.
ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋەقەدە كەم دېگەندە تۆت كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ھايات قالغان ئىككى كىشىنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىگىلىنىشچە ، نۇرسۇلتان-ئالمۇتا لىنىيىسىدە ئۇچىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئانتونوف A-26 تىپلىق ھەربىي ترانسىپورت ئايروپىلانى قونۇش ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن.
روسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى Interfax بۇ ئايروپىلاننىڭ قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ خىزمىتىنىڭ داۋاملاشقانلىقى كۆرسىتىلدى.