مەنبە: Mepa News
2021-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى شەنبە
روسىيەنىڭ سانت پېتىربۇرگدىكى ئۇكرائىنانىڭ باش كونسۇلىنى قولغا ئالغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
روسىيە دۆلىتىگە قاراشلىق خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، باش كونسۇل ئالېكساندىر سوسونىيۇك تۈنۈگۈن قولغا ئېلىنغان.
ئىستىخبارات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان سوسونىكنىڭ رۇسىيە پۇقراسىدىن «مەخپىي ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋاتقاندا» قولغا ئېلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
روسىيە مەنبەلىرى بۇ تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، باش كونسۇلنىڭ «دۈشمەنلىك» ۋە «دىپلوماتىك ئورۇنغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىگىلىنىشچە ، كونسۇل بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ ، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
روسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىر مەزگىل جىددىيلەشكەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.