ئامېرىكا خىزمەتچىلىرىگە ئافغانىستاندىن ئايرىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى

مەنبە:   AA /  trthaber / Şarku’l Avsat

2021-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، چارشەنبە،

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يازما باياناتىدا ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (COVID-19) ۋە بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئافغانىستانغا ساياھەتكە بارماسلىق تەلەپ قىلىندى.

دۆلەت كۆرسەتمىسى : ئايرىلىڭ

چېگرادىن ئايرىلىشنى خالايدىغان ئامېرىكىلىقلارغا بالدۇرراق ئايرىلىش تەۋسىيە قىلىندى ، ۋەزىپىسىنى باشقا ئورۇندىن ئورۇندىيالايدىغان ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارلىق خىزمەتچىلىرىگە چېگرادىن ئايرىلىش بۇيرۇلدى.

باياناتتا بۇ دۆلەتتىكى ھۇجۇملارنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسى شۇنداقلا ئافغانىستان قىسىملىرىنى نىشان قىلىدىغانلىقى ، «تېرورلۇق» ، «تۇتقۇن قىلىش» ۋە «قوراللىق توقۇنۇش» قاتارلىق تەھدىدلەرنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بۇ دۆلەتتىكى 2500 ئەتراپىدا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ 1-مايدىن چېكىنىشكە باشلايدىغانلىقىنى ۋە چېكىنىشنىڭ 11-سېنتەبىرگىچە تاماملىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ، بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بايدىن ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا ، تالىبانلار بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ قىيىنلىقى ۋە بۇ دۆلەتتىكى زوراۋانلىقنىڭ يەنە كۆپىيىشى مۇمكىنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Scroll to Top