مەنبە: euronews
2021-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، شەنبە،
خىتاي ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى كېلەر ھەپتە گېرمانىيە ، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان پائالىيەتكە ۋە «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا جەمئىيەتلەرگە قىلىنغان زۇلۇم ۋە قانداق قىلىش، كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش» يېغىنىغا قاتناشماسلىققا چاقىردى.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا ، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆمىكى ئەزا دۆلەتلەرگە «بۇ بىر سىياسىي مەقسەتلىك پائالىيەت ، بىز سىزنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەتكە قاتناشماسلىقىنى سورايمىز» دېدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ، ئاۋىستىرالىيە ، ئامېرىكا ۋە كانادا شۇنداقلا ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) قاتارلىق ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتىدۇ، بۇنداق قىلىش بۆلۈنۈش ۋە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ھەمدە «ئۇنى سىياسىي قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىش» خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا دەخلى يەتكۈزدىدۇ دىگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسى ، ئەزا دۆلەتلەر ۋە پۇقرالار جەمئىيىتى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) دىكى مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قانداق قوللايدۇ ۋە قوغدىيالايدۇ؟ تېمىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇش ۋە قىيناش بىلەن ئەيىبلىدى. ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى بۇ ئەھۋالنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېنىقلىما بەردى.
ۋاشىنگىتون يېقىندا 1-ئايدا مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستاندىن پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى.