مەنبە: euronews
2021-يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۈشەنبە،
پولشا پرېزىدېنتى ئاندرېجې دۇدا ئەنقەرەگە كېلىپ رەسمىي سۆھبەتلەشتى. دۇدا زىيارىتى جەريانىدا ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىن سېتىۋالىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارىئۇس بىلاسزاك ئۆز دۆلىتىنىڭ تۈركىيەدىن 24 دانە بايراقتار (TB2) تىپلىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (SİHA) سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى بولغان پولشا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا تۇنجى تۈركىيەدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تاپشۇرۇۋالدىغان دۆلەت ھېسابلىندۇ.
بىلاسزاك TB2 توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقىي قورال. ئۇ ياۋروپانىڭ شەرقىدىكى ئۇرۇشلاردا ئۆزىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىمۇ ئىشلىتىلگەن» دېگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان تۈركىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىپ ، غەربنىڭ قوراللىرىغا تايىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن، بۇ دۆلەت دۇنيادىكى تۆتىنچى چوڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچىغا ئايلانغان.
دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل دېمىر ئىلگىرى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: «بىز سۈپەت-باھا مۇناسىۋىتى جەھەتتە بۇ ساھەدە ئەڭ مۇنەۋۋەر ، دۇنيادا نۇرغۇنلىغان SİHA لار بار ، ئەمما بىزنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا باھا ۋە ئىقتىدار جەھەتتە زور پەرق بار».
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى: تۈركىيە SHA نىڭ سۈرىيە ، لىۋىيە ۋە ئەزەربەيجاندىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئېكسپورتنىڭ كۆپىيىشىگە يۇل ئاچتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان تۈرك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا قىزىقماقتا
تۈركىيە مۇداپىئە تېخنىكا شىركىتى بايكار بايراقتار TB2 قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئەزەربەيجان ، ئۇكرائىنا ، قاتار ۋە لىۋىيەگە ساتتى. ئەردوغان مارتتا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ تۈرك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى سېتىۋېلىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيەدىن ئىشلەپچىقىرىلغان SİHA نىڭ 2016-يىلدىن باشلاپ PKK غا قارشى تۇرۇشتا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ، AFP تۈركىيەنىڭ تۇنىس بىلەن 12-ئايدا 80 مىليون دوللارلىق «ئەنكا» ناملىق SHA نى سېتىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كانادا ئىجازەتنامىنى بىكار قىلدى
كانادا 4-ئايدا بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ناگورنو-قاراباغ رايونىدا ئەرمېنىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەزەربەيجان كۈچلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكىنى قارار قىلغاندىن كېيىن ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسىنى تۈركىيەگە ئېكسپورت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلدى. ئېمبارگو ئاستىدىكى زاپچاسلار ئايروپىلانىنىڭ كامېرا سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.