مەنبە: yenisafak / AA
2021-يىل 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، چارشەنبە،
سەئۇدى ئەرەبىستان سۈرىيەدە 10 يىلدىن بۇيان داۋاملىشۋاتقان ئىچىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن خەلقى ئۈستىدىن نۇرغۇن قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بارغان بەششار ھاكىمىتىنى دۆلىتىگە تەكلىپ قىلدى.
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ساياھەت مىنىستىرى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەر خىل سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەت 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلدى.
بەششار ئەسەد ھاكىمىيەت ئورگىنى SANA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ساياھەت مىنىستىرى مارتىنى تۈنۈگۈن كەچتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا كەلگەن.
ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ب د ت نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن باردى
مارتىنى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستان ساياھەت مىنىستىرلىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتى (UNWTO) نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پايتەختتە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىدۇ.
10 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى زىيارەت
شۇنداق قىلىپ ، 2011-يىلى 3-ئايدا باشلانغان ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن كەلگەن بىر مىنىستىرنىڭ تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانغا رەسمىي سالاھىيەت بىلەن بارغانلىقى ئېلان قىلىندى.
سەئۇدى ئەرەبىستان 2011-يىلى 8-ئايدا دەمەشىقتىكى باش ئەلچىسىنى چېكىندۈرۈپ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى توختاتقان ئىدى.