مەنبە: TRT Haber
2021-يىلى 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، شەنبە
ئامېرىكا خىتايدا تۇرۇشلۇق يەنە 14 شىركەتنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. بېيجىڭ بۇ قارارغا ئىنكاس قايتۇردى. بېلگىيە مەجلىسى يەنە ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋىپى» بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ئەيىبلەشلىرى سەۋەبىدىن خىتاينى ئاساس قىلغان يەنە 14 شىركەت قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. ئىلگىرى ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى چەكلەنگەن خىتاينى ئاساس قىلغان شىركەتلەرنىڭ سانى ئىلگىرى 59 ئىدى.
بېيجىڭدىن كەلگەن ئىنكاس
بېيجىڭ ۋاشىنگىتوننىڭ مالىيە جازاسىنى كېڭەيتىش قارارىغا ئىنكاس قايتۇردى. خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ئامېرىكىنى سودا ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى سىياسىيلاشتۇردى دەپ ئەيىبلىدى. ۋە بىز زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، شىركەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغدايمىز دېدى.
بېلگىيەدىن ئۇيغۇرلار تۇغرىسىدا قارار
بېلگىيە پارلامېنتى قارار لايىھىسىنى ماقۇللاپ ، ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋىپى» بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قانۇن لايىھىسىدە ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان مۇئامىلىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» بولۇشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلدى.
ئەگەر باستۇرۇش ئاخىرلاشمىسا، ياۋروپانىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا خىتايغا قارىتىلغان جازانى كېڭەيتىشنى ئىلتىماس قىلىش تەلەپ قىلىندى.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاي قارارى
ياۋروپا پارلامېنتى يەنە ئەزا دۆلەتلەردىن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەكلىپنامىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋە شياڭگاڭدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا يېڭى جازا يۈرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.