
مەنبە: taklimakan
2021-يىلى 7- ئاينىڭ 12- كۈنى،دۈشەنبە
خىتاينىڭ گرېتسىيەگە سالغان مەبلىغى كۆپەيگەن بولۇپ، گرېتسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم پورتى پىرايۇس پورتىنىڭ% 49 ى ئىلگىرى خىتاي تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان بولسا، خىتاينىڭ بۇ پورتتىكى ھازىرقى ئۈلۈشى % 67 كە يەتتى. شۇنداق قىلىپ ، پىراۋۇس پورتىنى باشقۇرۇش گرېتسىيەدىن خىتايغا ئۆتتى.
2010-يىلى گرېتسىيەدە باشلانغان كرىزىس خىتاي ئۈچۈن پۇرسەتكە ئايلاندى
2010-يىلى گرېتسىيەدە باشلانغان چوڭ ئىقتىسادىي كرىزىستىن ئىلگىرى، پىراۋۇس پورتىنىڭ پېيى پۈتۈنلەي گرېتسىيە دۆلىتىگە تەۋە ئىدى. 2011-2013-يىللىرى ئارىسىدا گرېتسىيەنىڭ ئاممىۋى مالىيەسىدە ۋەيران بولۇش خەۋپى نەتىجىسىدە دۆلەتتە چوڭ خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ھەرىكىتى باشلاندى. بۇ جەرياندا ، خىتاي پىراۋۇس پورتىنىڭ% 49 پېيىنى سېتىۋالدى.
گرېتسىيەگە قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاي پىراۋۇس پورتىدىكى ئۈلۈشىنى% 67 كە ئۆستۈردى ۋە گرېتسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسلىھەلىرى دەپ قارالغان بۇ پورتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئېرىشتى.