مەنبە: AA / trthaber
2021-يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى، سەيشەنبە
خىتاينىڭ ئىككى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
ئوكىناۋا ئۆلكىسى ناخا ناھىيىسىدىكى 11-رايون دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي پاراخوتلىرى 10-ئىيۇل ئەتىگەندە ياپونىيەنىڭ دۆلەت زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن.
ئىككى پاراخوت تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئەتراپىدا بېلىق تۇتۇۋاتقان ياپونىيە بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە يېقىنلاشقان.
ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ رايوندىن ئايرىلىشى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى نەتىجىسىدە ، خىتايغا تەۋە پاراخوتلار شۇ يەر ۋاقتى 12-ئىيۇل شۇ يەر ۋاقتى 11:00 دە بۇ رايۇندىن يىراقلاشقان.
كابىنېتنىڭ باش كاتىپى كاتو كاتسونوبۇ ئۆزى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى، خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ يېقىنقى 5 ئاي ئىچىدە ياپونىيەنىڭ دېڭىزغا بىر قانچە قېتىم قانۇنىسىز كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.
كاتو مۇنداق دېدى: «بىز كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردۇق. بىز مەيدانىمىزنى ۋە ئوي-پىكىرلىرىمىزنى قەتئىي ھالدا خىتاي تەرەپكە چۈشەندۈردۇق. بىز يېرىم كېچىدە ياكى تاڭ ئاتقاندا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا قارشى مۇقىم ۋە خاتىرجەم پوزىتسىيىمىزنى ساقلايمىز».
قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى
بۇ قانۇن 2-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتايدا يولغا قويۇلغان بولۇپ ، دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترەتلىرىگە بۇ سۇلاردىكى قائىدىلەرگە ماس كەلمەيدىغان چەتئەل پاراخوتلىرىغا قارشى قورال ئىشلىتىشكە ھوقۇق بېرىلگەن.
كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قانۇن خىتايغا شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلىنى ئايلىنىپ يۈرگەن ياپون پاراخوتلىرىنى نىشانلاش ھوقۇقى بەرگەن ئىكەن.
شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا ، ياپونىيەنىڭ «سېنكاكۇ» ، خىتاينىڭ «دياۋيۈ» دەپ ئاتىلىدىغان تاقىم ئارىلى 5 ئارال ۋە 3 تاشتىن تەركىب تاپقان.