ئاسىيائامېرىكاخەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە: تەيۋەن ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

مەنبە: AA /  trthaber

 2021-يىلى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى، چارشەنبە

ياپونىيە: تەيۋەن ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياپونىيەنىڭ دۆلەت سىياسىتى، بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تەڭپۇڭلۇق ».

باش مىنىستىر سۇگا يوشىخىدې تەستىقلىغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 2021-يىلدىكى دوكلاتىدا ياپونىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى ھەربىي پائالىيەتلەر دىققەت قوزغىدى.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «ياپونىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەيۋەن ۋەزىيىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، ھەم كرىزىسنى تونۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك».

دوكلاتتا يەنە تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىلگىرىلىشى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ، «خىتاي تېزدىن ھەربىي كۈچلىرىنى كۆپەيتىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئۆزگىرىشى تىنچ ئوكياننىڭ تىنچلىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن».

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى ۋەزىيەتنى بىر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش» دەپ تەسۋىرلەندى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button