مەنبە: Şarku’l Avsat
2021-يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى، شەنبە
16- چىسلا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېن 14-ئىيۇل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە تالاش-تارتىش قوزغىغان جەنۇبىي دېڭىز ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
برۇنېي ، كامبودژا ، ھىندونېزىيە ، لائوس ، مالېزا ، بېرما ، فىلىپپىن ، سىنگاپور ، تايلاند ۋە ۋيېتنام قاتناشقان بۇ يىغىندا ، بىللىنكېن خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەشەببۇسىنىڭ «قانۇنسىز» ئىكەنلىكىنى، ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايسنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، بىللىنكېن يەنە خىتاينىڭ مېكوڭ دەرياسىدىكى پائالىيىتىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. بايدىن ھۆكۈمىتى ئەركىن مېكوڭ رايونىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
بېيجىڭ شۇ كۈنى بىللىنكېننىڭ سۆزىگە جاۋاب قايتۇردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ۋاشىنگىتوننىڭ رايوندىكى توقۇنۇشقا ئارىلىشىشى «مەسئۇلىيەتسىزلىك»: «ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ھوقۇقى مەسىلىسىدە قەستەن مۇنازىرە قوزغاپ ، خىتاي بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىشى ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك»دېدى
خىتاي دائىمىي كېسىم مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ
2016-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ، گوللاندىيە گاگادىكى مەڭگۈلۈك كېسىم سوتى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى، خىتاي تەرەپ بۇ قارارنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي 12-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ پاراسېل ئارىلىغا يېقىن كەلگەن ئۇرۇش پاراخوتىنى يىراقلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ، بۇ رايوندا جىددىيلىك كۈچەيدى.
خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى USS Benfold ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇلارنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ، ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا خىتايغا جاۋاب بەرگەندە ، SS Benfold نىڭ پاراسېل ئارىلىدا مەۋجۇتلۇقىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ھەرىكەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، خىتاينىڭ پاراسېل ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى تەشەببۇسى خەلقئارا قانۇنغا زىت».