مەنبە: DW Türkçe / Mepa News
2021-يىل 7-ئاينىڭ23-كۈنى، جۈمە،
قاتتىق يامغۇر ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەردىن كېيىن خىتايغا تەسىر كۆرسەتتى.
خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمگە تەسىر قىلغان كەلكۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 33 كە يەتكەن. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغان، تەخمىنەن 100 مىڭ كىشى رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلغان.
جېڭجۇدىكى 7 مىڭدىن ئارتۇق كارىۋات بار دوختۇرخانىدا توك ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، دوختۇرخانىدىكى تەخمىنەن 600 ئېغىر بىمارنى جىددىي يۆتكەشكە باشلىغان.
شى جىنپىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا كەلكۈنگە قارشى تۇرۇشنىڭ كۈنسېرى قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
خىتايدىكى مۇھىم ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ بىرى بولغان بۇ ئۆلكىدە پويىز قاتنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، تاشيوللار تاقالغان، نۇرغۇن نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. توسما سۈيىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، جېڭجۇ شەھىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان لوياڭ شەھىرىدىكى يىخېتەن توسمىسىدا 20 مېتىرلىق يېرىق شەكىللەنگەن. يېرىلىش سەۋەبىدىن ھەر ۋاقىت چېقىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.
مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۆلچەرىچە ،يامغۇر 94 مىليون نوپۇسلۇق خېنەن ئۆلكىسىدە يەنە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىكەن.