مەنبە: Mepa News / Bloomberg HT
2021-يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى،دۈشەنبە،
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت تيەنجىندە باشلانغان بولۇپ، خىتاي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شيې فېڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان بىلەن كۆرۈشكەندە، فېڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىر قىسىم خىتايلارنى«خىيالىي دۈشمەن» دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈرۈپ ئەيىبلىدى. شيې شۇنداقتىمۇ بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئورتاق پىكىرگە كېلىپ، كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شيې خىياي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ قاتمال ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
بېيجىڭنىڭ شەرقىگە 60 ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان تيەنجىندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت 3-ئايدىكى ئالياسكا شىتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتتىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق سۆھبەت. ئەگەر سۆھبەت ئۈنۈملۈك بولسا ، ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان G20 يىغىنىدا پرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدا يىغىن ئاچقىلى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.