مەنبە: AA / trthaber
2021- يىل 8- ئاينىڭ 24- كۈنى، سەيشەنبە
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا خاررىس سىنگاپوردا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنىڭ «مەجبۇرلاش» ۋە «تەھدىد» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خاررىس ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتاينىڭ ھەرىكىتىگە قارشى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. خاررىس مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش ، قورقۇتۇش ۋە ھەق تەلەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى بىلىمىز» دېدى.
ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان تەسەۋۋۇرىنى تەييارلىدى
خىتاينىڭ قائىدە-تۈزۈمنى داۋاملىق بۇزۇپ تاشلاپ، مىللەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىد سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن خاررىس، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن خىتاينىڭ تەھدىتى ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خاررىس ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم» دەپ تەسۋىرلىدى.
بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان تەسەۋۋۇرىنى تەييارلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان خاررىس مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ، ئەركىن ھىندى-تېنچ ئوكياننى قوغدايمىز». دېدى.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا «ۋىجدانسىزلىق» ۋە «سەمىمىيەتسىز» قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ۋاڭ: «ئامېرىكا ئافغانىستان مەسىلىسىنىڭ تۈپ سەۋەبى ۋە ئەڭ چوڭ تاشقى ئامىل، ئۇ بۇنداق قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.