مەنبە: تەكلىماكان
2021- يىل 9- ئاينىڭ 15-كۈنى، چارشەنبە…
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم
تەكلىماكان قانىلىمزىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى…
مالاكا بوغۇزى نىمە ئۈچۈن دۇنيا ئىقتىسادىغا ۋە ھەربىي كۈچىكە شۇ قەدەر موھىم؟ دۇنيا ئېنىرگىيەسى دۇنيا سودىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ مەھسۇلاتلار ئىشلەپ چېقىرىلغاندىن كېيىن ئاخىرقى مەنزىلىگە يىتىش ئارلىقىدا بىر قسىم بوغۇزلاردىن ئۆتىدۇ، مالاكا بوغىزى بولسا بۇلارنىڭ بىرى. ھىندىنوزىيە، مالايسىيا ۋە سىنگاپور بىلەن تۇتىشىدىغان مالاكا بوغىزى ئۇزۇندىن بىرى ئاسىيا قىتئەسى ئىھتىياجلىق بولغان يىقىلغۇ ۋە تاۋار ماللارنىڭ كېرىش ۋە چىقىشىدا ئاساسلىق سودا يولى بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تىز سۈرەتتە ئىشىشى ئۈچۈن ھەسسە قۇشۇشتا دۇنيادىكى ئەڭ ئاۋات ئىككىنجى دېڭىز يولى ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مالاكا بوغۇزىنىڭ ئورنى سىتىراتىگىيە جەھەتتىن مۇھىم بولۇپ كەلمەكتە.
خىتاي ئۇزۇندىن بېرى جەنۇبىي دېڭىزدىكى مەۋجۇتلىقىنى كۈچەيتىشكە ھەمدە بۇ رايۇننىڭ ئېگلىق ھوقۇقىنى مىنىڭ دەپ داۋا قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېن 14-ئىيۇل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تالاش-تارتىش قوزغىغان جەنۇبىي دېڭىز ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
برۇنېي ، كامبودژا ، ھىندونېزىيە ، لائوس ، مالېزا ، بېرما ، فىلىپپىن ، سىنگاپور ، تايلاند ۋە ۋيېتنام قاتناشقان بۇ يىغىندا، بىللىنكېن خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەشەببۇسىنىڭ «قانۇنسىز» ئىكەنلىكىنى، ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ دېڭىز سۇلىرى ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا قوللىغان رايۇندىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سۈركىلىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالدى، شۇڭا بۇ رايۇندىكى دۆلەتلەر بىرلىشىپ خىتاينىڭ مالاكا بوغۇزى بىلەن بولغان يولىنى ئۆزىۋەتسە بۇ چاغدا خىتاينىڭ قانداق قىلدىغانلىقىنى كۆرىمىز ئەلۋەتتە بۇمۇ يىراق ئەمەس. بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز ۋە مۇشىنىڭغا ئۇخشىغان فىلىملەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشى ئۈچۈن بىزلەرنى قوللاپ، قانىلىمىزغا ئەزا بولۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.