تەرجىمە ماتېرىيال
تەييارلىغۇچى: ئەلى بۇراق بىبەر
مەنبە : تەكلىماكان
2021- يىل 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، سەيشەنبە
5 سوئالدا AUKUS ئىتتىپاقى بىلەن تونۇشۇش
خەلقئارا كۈن تەرتىپىدىكى ئەڭ قىزىق تېما AUKUS ئىتتىپاقى. ئۇنداقتا بۇ ئىتتىپاق نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ, بۇ رايوندا قانداق تەڭپۇڭلۇق ئۆزگىرىدۇ، فرانسىيە نېمىشقا ئاچچىقلىنىدۇ، يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى پىلانى يادرو قوراللىرى كېلىشىمىگە تەھدىت ئېلىپ كېلەمدۇ؟
ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋىستىرالىيەنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى خەلقئارا دېڭىزىنى قىزىتقان بولسىمۇ، AUKUS غا بولغان ئەڭ چوڭ ئىنكاس فرانسىيە ۋە خىتايدىن كەلدى.
ئۇنداقتا يېڭى ئىتتىپاقتا قانداق كېلىشىملەر ھاسىل قىلىندى، بۇ باسقۇچ رايون ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ۋە باشقا دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
جاۋاپلار بۇ يەردە…….
AUKUS دېگەن نېمە؟
AUKUS دېگىنىمىز، ئاۋىستىرالىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يولغا قويۇلغان يېڭى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى. كېلىشىمنىڭ ئىسمى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ قىسقارتىلمىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاۋىستىرالىيە- AU ، ئەنگىلىيە- UK، ئامېرىكا- US.
بىخەتەرلىك ھەمكارلىق باياناتىدا، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئاۋىستىرالىيەنى يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئىگە قىلىدۇ.
ئەمما بۇ ئىتتىپاقنىڭ مەقسىتى پەقەت سۇ ئاستى پاراخوتىنى ياساشلا ئەمەس. ئۇ يەنە ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونىدا كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقان خىتايغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغان يېڭى ئۈچ تەرەپلىك ئىستراتېگىيىلىك «مۇداپىئە ئىتتىپاقى» دەپ تەسۋىرلەنگەن.
بۇ ئىتتىپاقتا يەنە سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ساھەسىدە ھەمكارلىقنىڭ بولىدىغانلىقىمۇ تەكىتلەندى. بۇ كېلىشىم يەنە ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەنگىلىيە باشقا ئىتتىپاقدىشىغا يادرو ئىتتىرىش تېخنىكىسىنى بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.
گەرچە بايدىن بۇ ھالقىلىق تېخنىكىنى ئورتاقلاشقان دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىمۇ . (بايدىن سىن يېغىنى ئەسناسىدا ئاۋستىرالىيە پىرىزدىنتتىنىڭ ئىىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان)
كېلىشىم رايوندىكى تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟
ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ ئىتتىپاقنىڭ بېيجىڭغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر رايون ئىستراتېگىيىسىنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىشىنى كۆرسەتتى.
بېيجىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي ئىقتىدارىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىۋاتىدۇ. AUKUS كېلىشىمى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ئاۋىستىرالىيە دېڭىز ئارمىيىسىگە بېرىشى، ئاۋستىرالىيەنى خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدا كېڭىيىشىگە قارشى جەنۇبىي دېڭىزغا كىرىشى، مال-مۈلۈكلىرىنى قوغداش ۋە چارلاش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولسا خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۈچىيىۋاتقان كۈچى ۋە تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ.
خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاقىللار ئامبىرى ستىمسون مەركىزى شەرقىي ئاسىيا پروگراممىسىنىڭ بىرلەشمە دىرېكتورى يۈن سۈننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ كېلىشىم رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىدىكەن.
“ئاۋىستىرالىيەنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى بولغانلىقى ئۇنىڭ خىتايدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئەگەر خىتاي جەنۇبىي دېڭىز ياكى تەيۋەن بوغۇزىدا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلسە ، ئۇ ھەربىيلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئۆزگىرىدۇ ».
يىغىنچاقلىغاندا، بۇ كېلىشىم خىتاينىڭ ھىندى-تېنچ ئوكياندا يېڭى ۋە كۈچلۈك مۇداپىئە ئىتتىپاقىغا دۇچ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئىتتىپاق ياپونىيە قاتارلىق رايون شېرىكلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
خىتاينىڭ بۇ رايوندا 60 سۇ ئاستى پاراخوتىدىن تەركىب تاپقان كۈچى بار ، بۇنىڭ 6 سى يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە. بولۇپمۇ سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ رايوننى تاقاش ئىستراتېگىيىسىدىكى ئەھمىيىتى بىلىنگەچكە ، ۋاشىنگىتون رايوندىكى بەزى نۇقتىلاردا ئۆزىدە بار بولغان يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن چارلاش ئېلىپ بېرىپ ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ بۇ خىل مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتتى.
خىتاينىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟
خىتاي ئۆزىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى ئۇچۇرۇش ئارقىلىق تۇنجى ئىنكاسىنى قايتۇردى.
AUKUS كېلىشىمى ئىمزالىنىپ بىر كۈندىن كېيىن، كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ئايروپىلان تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا كۈچ كۆرسەتتى. تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئالاقزادە بولۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسنى قوزغىتىپ ئايروپىلانلارنى قايتۇردى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى رەسمىي باياناتىدا بۇ كېلىشىمنىڭ رايون تىنچلىقىغا ئېغىر زىيان سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئۈچ تەرەپ ئىتتىپاقىنى «سوغۇق ئۇرۇش روھىي ھالىتى» دە چىڭ تۇرۇپ ، «ئىدىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراش» نى ئەيىبلىدى.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: ئۈچ دۆلەت «رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان سالىدۇ، قورال-ياراغ مۇسابىقىسىنى كۈچەيتىدۇ ۋە خەلقئارانىڭ يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك تىرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ».
بورىس جونسون بۇ كېلىشىمنىڭ خىتايغا قارىتىلغان «دۈشمەنلىك ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ ، بۇنىڭ «پەقەت ئامېرىكا ۋە ئاۋىستىرالىيە بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى» تەكىتلىدى.
قانداقلا بولمىسۇن، خىتايدا چىقىدىغان «Global Times» دە بۇ كېلىشىمنىڭ ئاۋىستىرالىيەنى خىتاينىڭ يادرو ھۇجۇمىنىڭ نىشانىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.
فرانسىيە نېمىشقا ئاچچىقلىنىدۇ؟
بۇ كېلىشىمگە خىتايدەك ئاچچىقلانغان يەنە بىر دۆلەت فرانسىيە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋىستىرالىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمى بىكار قىلىنغان. ئىتتىپاق قارارىدىن كېيىن، ئاۋىستىرالىيە فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسى گۇرۇھى بىلەن 2016-يىلى تەخمىنەن 66 مىليارد دوللارلىرى (90 مىليارد ئاۋستىرالىيە دوللىرى) قىممىتىدىكى ئەنئەنىۋى سۇ ئاستى پاراخوتى ياساش كېلىشىمىدىن ۋاز كەچتى.
فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Jean-Yves Le Drian ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسوننىڭ 16-سېنتەبىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون بىلەن بايانات ئېلان قىلىشتىن بىر سائەت بۇرۇن ئاۋىستىرالىيەنىڭ پارىژغا بۇ كېلىشىمنى بىكار قىلىش پىلانىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې درىئان: بىز يالغانچىلىق ۋە ئېغىر ئىشەنچسىزلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلدۇق. دېدى ۋە يەنە كېلىشىمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى «خىيانەت» دەپ تەسۋىرلەپ، «بىزگە ئارقىمىزدىن ئوق ئېتىلدى» دېگەن ئىپادىنى قوللاندى.
ئاۋستىرالىيەنىڭ فرانسىيەگە «كېلىشىمنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى توغرىسىدا» ئالدىن خەۋەر قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدىكى تەنقىدى تۇغرىسدا ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون «بۇ قارارنى چىقارغانلىقىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن» دېگەن بايانات بىلەن مۇزاكىرىگە خاتىمە بەردى.
AUKUS يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىگە خىلاپلىق قىلامدۇ؟
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنى (IAEA) يادرو كۈزەتكۈچىسى بۇ كېلىشىمنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئالتە دۆلەت ئاللىقاچان بۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىپ سۇ ئاستى پاراخوتىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پاراخوتنى تۈرگە ئايرىش سىستېمىسىغا ئاساسەن، يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى «SSN» دەپ ئايرىلىدۇ. «SS» سۇ ئاستى پاراخوتىنى ، «N» بولسا يادرو نى كۆرسىتىدۇ.
باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرەلەيدىغان يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى «SSBN» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۆلچەملىك SSN يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئوخشىمايدىغىنى، SSBNs باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ، SSGN لار چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتالايدۇ.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن، كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتلىرى توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش كېرەك.
خىتاي بىلەن AUKUS ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز ئارمىيە سېلىشتۇرمىسى
تەرجىمىگە تەييارلىغۇچى: ئەركىن بوستان
تەكلىماكان تەشۋىقات گۇرۇپپىسى
2021- يىلى 9- ئاي