مەنبە: euronews
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن
2021- يىل 12- دېكابىر
تۈركىيە-قاتار مۇناسىۋىتى يېقىنقى 20 يىلدا، سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەدە تېز ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ رەسمىي مۇناسىۋىتى 1979-يىلى ئەنقەرە ۋە دوھادا ئۆز-ئارا ئەلچىخانىلارنىڭ ئېچىلىشى بىلەن باشلانغان.
2014- يىلى تۈركىيە بىلەن قاتار دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى ئىستراتېگىيىلىك كومىتېت قۇرۇلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردە يېقىن كۆز قارىشى بار.
- يۇقىرى ئىستراتېگىيىلىك كومىتېت
قاتار پرېزىدېنتى ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد سانى بىلەن ئەردوغان 2014-يىلى 12- ئايدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىرلەشمە «يۇقىرى ئىستراتېگىيىلىك كومىتېت» قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.
2015- يىلى، دوھا يۇقىرى ئىستراتېگىيىلىك كومىتېتنىڭ تۇنجى يىغىنىنى ئۆتكۈزدى، پرېزىدېنت ئەردوغان ئەمىر تېمىم بىلەن كۆرۈشتى.
بۇ يىغىن دۆلەت ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەتكە يول ئاچتى.
تۈركىيە بىلەن قاتار تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى دائىرىسىدە، 2015- يىلى تۇنجى قېتىم تۈركىيە-قاتار يۇقىرى ئىستراتېگىيىلىك كومىتېت يىغىنى دوھادا ، ئىككىنچى قېتىملىق يىغىننى 2016-يىلى تىرابزۇندا، ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىننى 2017-يىلى دوھادا، تۆتىنچى قېتىم ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. بەشىنچى قېتىملىقى 2019- يىلى دوھادا ، ئالتىنچىسى 2020-يىلى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزدى.
2019- يىلى 11- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى بەشىنچى قېتىملىق يىغىندا ئىقتىساد، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، سودا-سانائەت، تېخنىكا ۋە ساغلاملىق، ئىستراتېگىيىلىك پىلان، ئىلمىي ھەمكارلىق ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق ساھەلەردە يەتتە ماددىلىق كېلىشىم ئىمزالاندى.
تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى «قويۇق ۋە كۈچلۈك ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بىرى» بولغان يۇقىرى ئىستراتېگىيىلىك كومىتېت يىغىنلىرى قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ كومىتېت يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەت بېرىش مېخانىزمى قىلىپ بېكىتىلدى.
- تۈركىيەنىڭ قاتاردىكى ھەربىي بازىسى
2014- يىلى 12- ئايدا تۈركىيە-قاتار يۇقىرى ئىستراتېگىيىلىك كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ ھەربىي ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەردە ھەر دەرىجىلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.
2014- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى ئىمزالانغان «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن قاتار دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى ئىستراتېگىيىلىك كومىتېت قۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە كېلىشىم» گە ئاساسەن، قاتاردىكى تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا ئەسكىرىي ساھەدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مەشىق ۋە مۇداپىئە سانائىتى ئۈچۈن ھەربىي بازا تەمىنلەندى.
بۇ كېلىشىم 2015- يىلى 2- ئاينىڭ 10- كۈنى تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغاندىن كېيىن، 2015- يىلى 5- مارت تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلاندى.
كېلىشىمگە ئاساسەن ، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى قاتاردا تۇرغاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى.
ئاخىرىدا، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى، تۈركىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى، ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «خالىد بىن ۋەلىد» نامىدا گازارما ئاچتى.
- 15-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش
قاتار 2016- يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىگەن تۇنجى ئەرەب دۆلىتى بولۇپ قالدى.
سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغالغان كېچىسى پرېزىدېنت ئەردوغانغا تۇنجى تېلىفۇن قىلغان ھەمدە تۈركىيەنى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى قوللىغان تۇنجى كىشىنىڭ قاتارنىڭ ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھەمەد ئەل سانى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
سىياسىي ئۆزگىرىشنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، قاتار خەلقى ۋە دۆلىتىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىتتىپاقلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەلسانى، ئۆز دۆلىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداش، قانۇننى ئىجرا قىلىش، ئىشەنچ ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
سىياسىي ئۆزگىرىشتىن ئىككى ھەپتە كېيىن، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئابدۇراخمان ئەلسانى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ، دۆلىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى نامايان قىلغان تۇنجى خەلقئارالىق ئەمەلدارغا ئايلاندى.
- قاتارنىڭ قامال قىلىنىشى ۋە تۈركىيەنىڭ قوللىشى
سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن ۋە مىسىر 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 5- كۈنى قاتار بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، قاتارنى «تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى قوللىدى» دەپ ئەيىبلەپ، بۇ دۆلەتكە ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.
بۇ دۆلەتلەر قامالنى بىكار قىلىش ئۈچۈن قاتارغا بەزى شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ شەرتلەرنىڭ بىرى تۈركىيەنىڭ دوھادىكى ھەربىي بازىسىنىڭ تاقىلىشى ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن ، تۈركىيە قاتاردىكى بازىسىنى تاقىمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ ئومۇمىي مەجلىسىدە ، 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى، تۈرۈك ئەسكەرلىرىنىڭ قاتارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا يول ئاچىدىغان قانۇن لايىھىسى قوبۇل قىلىندى. تۈركىيەنىڭ بۇ ۋەزىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەربىي ھەمكارلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. تۆت دۆلەتنىڭ قورشاۋىدا قالغان قاتارغا يېمەكلىك، سۇ ۋە دورا بۇيۇملىرىنى ھاۋا ۋە دېڭىز ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بەردى.
ئەنقەرە يەنە 2022- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قاتارغا كېرەكلىك بارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئەۋەتىشكە ۋەدە بەردى.
ئىقتىساد ساھەسىدە قاتار 2018- يىلى 8- ئايدا تۈركىيە لىراسى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، تۈركىيە ئىقتىسادىغا 15 مىليارد دوللار بىۋاسىتە مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
- تاشقى سىياسەت
قاتار ۋە تۈركىيە ھۆكۈمەتلىرى، مىسىر تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارايدىغان «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى» نى تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىمايدۇ.
ھەر ئىككى دۆلەت 2013- يىلى مىسىرنىڭ تۇنجى سايلانغان پرېزىدېنتى مۇھەممەد مورسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى.
قاتار بىلەن تۈركىيەنىڭ غەززە رايونىنى كونترول قىلىدىغان خاماس بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار.
ئاخىرىدا، ئىككى دۆلەت ئافغانىستاندا غەرب قوللىغان ھۆكۈمەت يىمىرىلگەندىن كېيىن تالىبانلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى كابۇل ئايرودرومىنى يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشتىكى سىياسىتىمۇ يېقىنلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەنقەرە ۋە دوھا سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى پرېزىدېنت بەششار ئەسەدكە قارشى قوللايدۇ.
ئەنقەرە ۋە دوھا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ ئوخشاش.
سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشىمايدىغىنى، تۈركىيە ۋە قاتار ئىراننى رايوننىڭ مۇھىم كۈچلىرىنىڭ بىرى دەپ قوبۇل قىلىدۇ ۋە بۇ دۆلەت بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ.
پ د ف نى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۇلانمىنى بېسىڭ!!!
https://drive.google.com/file/d/1ga-L5UpUsI4ZhXu_CmuGw5TqD3t3LQCF/view?usp=sharing