1.3K
2021- يىلى 12- ئاينىڭ 13- كۈنى، دۈشەنبە…
ياپونىيە بىلەن ئاۋىستىرالىيە خىتاينىڭ ھىندى-تېنچ ئوكياندىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى ئالدىدا تۆت دۆلەت ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاياشى يوشىماسا ئاۋىستىرالىيەلىك مەنسەپدىشى مارىس پاينې بىلەن ئەنگىلىيەدە G7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى گىرۋىكىدە كۆرۈشتى.
ھاياشى بىلەن پاينې «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تېنچ ئوكيان» تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى «ئالاھىدە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە قوشۇلدى.