2021-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى.. چارشەنبە…
خىتاينىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا ئارىلىشىشىنى ئەيىبلىدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى «ئامېرىكىنى ئۇرۇش جىنايىتىگە مەسئۇل قىلىشقا ۋە جاۋابكارلىققا تارتىشقا» چاقىردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بېيجىڭدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يىغىندا «دېموكراتىيە»ۋە«كىشىلىك ھوقۇق»توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن بىگۇناھ ئافغانىستانلىقلار بىر چەتكە قايرىپ قويۇلدى ، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەرز قىلىدىغان يېرى يوق».
ۋاڭ يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ جىنايەتچىلەرنى جازالاشنى رەت قىلىشى تېخىمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ.
بىز ئامېرىكىنىڭ« دېموكراتىيە »ۋە« كىشىلىك ھوقۇق »نامىدا ئافغانىستان ، ئىراق ۋە سۇرىيەگە قىلغان رەھىمسىز ئارىلىشىشىنى ئەيىبلەيمىز. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ئۇرۇش جىنايىتىنى تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىمىز ».