1.2K
2021- يىل 12- ئاينىڭ 16- كۈنى ، پەيشەنبە
خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىدرىس ھەسەننىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئۈچۈن سوراق قىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، 19-ئىيۇل ساياھەت ۋىزىسى بىلەن ماراكەشكە بارغان ئىدرىس ھەسەن خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتتە قولغا ئېلىنغان.
تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قايتۇرۋېتىش مەركىزىدە ساقلانغان ھەسەننىڭ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلسە قىيناش ۋە ئۆلتۈرۈلۈش خەۋىپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ، ئىدرىس ھەسەننىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى توختىتىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.