داۋىد لېئونھارت
مەنبە: نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇللاھ
2021- يىلى 23- دېكابىر
ئەگەر سىز ئامېرىكىغا قارشى چەتئەل رەھبىرى بولسىڭىز، بۈگۈن ئامېرىكىغا قانداق قارايسىز؟
سىز بەلكىم ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى 20 يىلدا ئېلىپ بارغان ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ يىراقتىكى باشقا توقۇنۇشقا قىزىقمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇشنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى «مۈجمەل» دەپ بىلىشىڭىز مۇمكىن.
ئامېرىكىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەنلىكىنى ھەم بىلىسىز، نۇرغۇن سايلىغۇچىلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ھەتتا دۇنيا خارەكتىلىك كرىزىسىدىمۇ پرېزىدېنتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشالماسلىقى مۇمكىن. ئامېرىكىلىقلار تارقىلىشچان زۇكامغا بۆلگۈنچىلىك ۋە غەزەپ بىلەن ئىنكاس قايتۇردى، بۇ كەڭ كۆلەمدە ھاياتنى ساقلاپ قالىدىغان ۋاكسىنىسىنى رەت قىلىشنى ۋە مەكتەپلەردە داۋاملىشىۋاتقان قالايمىقانچىلىقنى كۈچەيتىۋەتتى.
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى نەزەردە تۇتقاندا، گەرچە ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد ۋە ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، ئامېرىكىدىن ئالاھىدە قورقۇپ كەتمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈش، ئۇكرائىنا ۋە تەيۋەندىكى جىددىي ۋەزىيەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە تۈرۈتكىلىك رول ئۇينايدۇ. ھەر بىرىدە، مۇستەبىت دۆلەتلەر يېقىن ئەتراپتىكى كىچىك دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىش توغرىسىدا ئۇرۇش دۇمباقلىرىنى چېلىۋاتىدۇ، ئامېرىكا بولسا بۇ خىل ھەرىكەتكە قارىتا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. روسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى مۇستەبىت كۈچ ئەڭ ئاز دېگەندە ۋاقىتلىق چېكىنىشنى تاللىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلارنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ «ئاجىز» ئامېرىكىغا جەڭ ئېلان قىلىشنى خالايدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى.
بۈگۈن مەن ئۇكرائىنا توغرىسدا توختىلىمەن. پرېزىدېنت بايدىن بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 8- چسىلا جىددىي سىنئالغۇ يىغىنى ئۈچۈن ئىككى سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىغان بولۇپ، يىغىن مەزمۇنى ئاساسلىقى ئۇكرائىناغا مەركەزلەشتى. روسىيە يېقىندا ئۇكرائىنا چېگراسىغا كۈچ توپلاپ، تاجاۋۇزچىلىق ئەندىشىسىنى پەيدا قىلىۋاتاتقانلىقى ھەممىزگە ئايان.
- ئارقا پىلان
پۇتىننىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىنا ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، 44 مىليون نوپۇسى بار بۇ دۆلەت روسىيەگە بويسۇنۇشى كېرەك ئىكەن. ئىككى دۆلەت 1،200 چاقىرىملىق چېگرانى، شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە تىل ئالاقىسىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇكرائىنا روسىيەگە يان بېسىشنىڭ ئورنىغا، -2014 يىلى پۇتىن قوللىغان رەھبەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ غەرب تەرەپكە بۇرۇلدى. ئۇكرائىنانىڭ ھازىرقى پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي روسىيەنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشىنى توستى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە ئالاقىدار مەسىللەرنى ئىز قوغلايپ تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتدىشىم مايكېل كروۋلېي: «پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەربىي قاراۋۇلخانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى» ئېيتتى.
روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىنى بويلاپ ئەسكەر توپلىشى، ئەگەر ئۇكرائىنا غەربتىن يۈز ئۆرىمىسە، تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىنى ئويلىشىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى. روسىيە 2014- يىلى بىر قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە قىرىمنى بېسىۋالغان بولسىمۇ، دۇنيادىكى كۆپىنچى دۆلەت ھازىرغىچە قىرىمنى «روسىيە زېمىنى» دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ.
2- نېمىشقا ھازىر؟
چەتئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ھەمىشە سىياسىي رەھبەرلەرگە ئىچكى مەسىللىلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتچىلىكنى قوللاش ۋە سەپەرۋەر قىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ. مەسىلەن، روسىيەدە COVID-19 يۇقۇم سانىنىڭ كۆپلۈكى، مائاشنىڭ ئاستا ئۆسۈشى، شۇنداقلا يۇقىرى باھا قاتارلىق مەسىلەرگە دۇچ كەلدى. ئۆتكەن يىلى، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار پۇتىنغا قارشى ئەڭ چوڭ نامايىشلارنى تەشكىللىدى.
پۇتىن ئۇكرائىنا ئىچىدىكى قارشىلىقى سەۋەبىدىن ياكى روسىيەنىڭ سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۇكرائىناغا بولغان تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىدىن ئەنسىرىشى مۇمكىن. ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىدىكى كادىرى لوك مۇنداق دەپ يازدى: روسىيە سىياسىي ئورگىنىنىڭ بارلىق ئەزالىرى پۇتىننىڭ دۆلەتكە بولغان قىزىقىشىنى ياكى ئۇكرائىنالىقلار بىلەن رۇسلارنىڭ ئوخشاش ئادەم ئىكەنلىكىگە بولغان قىزغىن كۆز قارىشىنى قوللاپ كەتمەيدۇ. روسىيە سىياسىتىنىڭ كاتتىباشلىرىدىن بىرى: «پۇتىن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بەزى مەسىلىلەرگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى كۆردى، شۇڭا ئۇ ئۇلارغا پاكىت يارىتىشنى قارار قىلدى» دېدى.
3- پوتىننىڭ تاكتىكىسى ۋە نىشانى
كۆپ يىللاردىن بۇيان، روسىيە قوللىغان قوراللىق بۆلگۈنچىلەر ۋە ئۇكرائىنا كۈچلىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي چېگراسى (قىرىمدىن باشقا يەنە بىر قىزىق نۇقتا) دا داۋاملىق توقۇنۇشۇپ كەلمەكتە. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا -9 چسىلا ئىككى تەرەپ يەنە ئاپتومات ۋە قول بومبىسى ئىشلىتىپ توقۇنۇشقان. خەلقئارالىق دىپلوماتلار سۈركىلىشنىڭ پۇتىنغا «تاجاۋۇز قىلىش» ئۈچۈن بىر باھانە بولۇشىدىن ئەنسىرىمەكتە.
روسىيەنىڭ تاكتىكىسىمۇ كۈچ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇ 2014- يىلدىكى ئىنقىلابنى «فاشىست سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ يالغان تەسۋىرلىگەنگە ئۇخشاش يەنە بىر قېتىملىق سىياسىي ھەركەت بىلەن بىرگە ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت، ھەربىي ۋە ئېنېرگىيە سىستېمىسىغا قارشى تور ھۇجۇمى قوزغىدى.
ئاتلانتىك ئوكيان ژورلىنىغا سۆز قىلغان ئاننى ئالماباۋ، پۇتىن ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بېلورۇسىيەدىمۇ مۇستەبىتلىكنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن سىياسىي ھەركەت ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئالماباۋ يېقىندا NPR نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئۇلار دېموكراتىك دۇنياغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇستەبىت دۇنيانى مۇستەھكەملەش ۋە ھوقۇققا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ»
روسىيە قىسىملىرى ئوكرائىناغا تاجاۋۇز قىلمىسىمۇ، پوتىن ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپانى قورقۇتۇپ ئۇكرائىنادىن چېكىنىشكە مەجبۇرلاپ، سۈركۈلۈشتە غەلىبە قىلىشى مۇمكىن.
پوتىن، ئوكرائىنا مەسىلىسىدە كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن كۆرۈشۈشتە چىڭ تۇردى. «ۋاقىت گېزىتى» نىڭ موسكۋا شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئانتون ترويانوۋىسكىينىڭ سۆزىگە قارىغاندا، روسىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتتە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق«سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى شەرتنامە» نى خالايدىكەن. ئەمما، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى توختىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرتلەرنى بايدىن ئورۇندىيالماسلىقى مۇمكىن.
4- ئامېرىكىنىڭ تەسىرى
بىر قاراشتىلا، بايدىن ۋە نۇرغۇن ئامېرىكىلىق سايلىغۇچىلار ھېس قىلغان چەتئەل ئۇرۇش ھارغىنلىقىنى كۆزدە تۇتقانداق، روسىيە ئارمىيىسى ئوكرائىنا ئارمىيىسىدىن كۆپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىنكاس قايتۇرىشى گۇمانلىق.
ئەمما بايدىننىڭ باشقا تاللاشلىرى بار. ئامېرىكا، روسىيە ئۈچۈن يوشۇرۇن تاجاۋۇزچىلىقنى تېخىمۇ قانلىق ۋە تېخىمۇ قىممەت كۆرسىدىغان شەكىلدە ئۇكرائىناغا ھەربىي قوللىشىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. (ئامېرىكا تەيۋەندە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيىنى يولغا قويماقتا.)
بايدىننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەكې سۇللىۋاننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بايدىن 8-چسىلادىكى پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتىكىگە ئوخشاش روسىيەگە قارىتا جازا تەھدىدى سېلىشى مۇمكىن. سۇللىۋان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنتىمىز روسىيە ئۇكرائىناغا بىۋاستە تاجاۋۇز قىلسا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن كۈچلۈك ئىقتىسادىي تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىۋاسىتە ئېيتتى».
بايدىن مۇنداق دېدى: ئەگەر روسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكا 2014- يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلغانغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
ئەمما جازا پۇتىننى توسۇشقا يەتمەسلىكى مۇمكىن. ئالماباۋ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر يېقىنقى يىللاردا خىتايدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئېمبارگودىن قۇتۇلۇپ كەلمەكتە. بۇ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇستەبىت دۇنيانىڭ پاكىتلىرىنىڭ بىرى.