2021- يىلى 26- دېكابىر، يەكشەنبە
روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى تىلغا ئېلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ، ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس تەڭپۇڭلۇقى قىزىقارلىق مەسىلە…
ئۇنداقتا روسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقى قانداق؟
روسىيەنىڭ كېلەر يىلى 1-ئاي ياكى 2-ئايلاردا ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، داۋاملىق ئۇكرائىنا چېگراسىغا كۈچلۈك ھەربىي يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
2014-يىلدىن باشلاپ ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقى تەرەپلەرنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقى توغرىسىدا قىززىقىشلارنى قوزغىدى.
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ نوپۇس سېلىشتۇرمىسى
روسىيەنىڭ نوپۇسى 146 مىليون، ئۇكرائىنانىڭ نوپۇسى 41 مىليون 200 مىڭ. ئۆلۈش نىسبىتى تۇغۇلۇش نىسبىتىدىن كۆپ يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ نوپۇسى ئازىيىۋاتىدۇ. ئۇكرائىنا نوپۇسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى روسىيە نوپۇسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتىدىن يۇقىرى.
روسىيەنىڭ 2021-يىلدىكى دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 700 مىليارد دوللار (دۇنيا بويىچە 11-ئورۇندا) ، ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2021-يىلى 181 مىليارد دوللار (دۇنيادا 57-ئورۇندا).
ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە چىقىمى
2020-يىلى روسىيەنىڭ مۇداپىئە چىقىمى 67 مىليارد دوللار بولۇپ، ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئە چىقىمى 6 مىليارد دوللار ئىدى.
روسىيەنىڭ 1 مىليون 133 مىڭ ئەسكىرى بار ، ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي خادىملىرى روسىيەنىڭ تاجاۋۇزى تەھدىتى سەۋەبىدىن يىل بېشىدىكى 169 مىڭدىن 255 مىڭغا كۆپەيدى.
ھەربىيلىككە سەپەرۋەرلىك قىلىش ھەركىتى
ھەربىيلىككە سەپەرۋەرلىك قىلىش ھەركىتىگە كەلسەك، روسىيەنىڭ 2 مىليون ئادەم ، ئۇكرائىنانىڭ 900 مىڭ ئادەمنى تېز قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بارلىقى مۆلچەرلەندى.
ئۇكرائىنانىڭ تەكشى جۇغراپىيىلىك قۇرۇلمىسى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇرۇنۇشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ زېمىنىنى قوغداشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئۇكرائىنا تارىختا كۆپ قېتىم تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىدى.
ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مۇقىمسىزلىقى ۋە جۇغراپىيىلىك قۇرۇلمىسى سەۋەبىدىن ، چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشى بولمىغان ئاساستا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش يۈز بەرگەندە، روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ھەركىتىدە غەلىبە قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتەئ