2022-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۈشەنبە
خىتاي ئارمىيىسىغا تەۋە 39 ئايروپىلان تەيۋەننىڭ «ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى» (ADIZ) غا بېسىپ كىرگەن.
«تەيۋەن خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى (MND) خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان 39 ھەربىي ئايروپىلاننىڭ رايونغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
مىنىستىرلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ رادىئو ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى، چارلاش ئايروپىلانى ۋە ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
10-ئاينىڭ 4-كۈنى ، تەيۋەن تەرىپىدىن ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى دەپ ئېلان قىلىنغان رايونغا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ 52 ئۇرۇش ئايروپىلانى بېسىپ كىرگەن بولۇپ ئەڭ چوڭ «قانۇنسىز كىرىش» دەپ خاتىرىلەنگەن.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 38 ئۇرۇش ئايروپىلانى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ، 39-ئۆكتەبىر ، 16-ئۆكتەبىر ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەن.