
2022-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى دۈشەنبە
دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋە بولغان G-7 دۆلەتلىرىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ئەگەر روسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلسا، دەرھال ئېغىر ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا;
– روسىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئۇكرائىنا چېگراسىغا توپلىشى «ئېغىر ئەندىشە» نى كەلتۈرۈپ چىقاردى،
– G7 دۆلەتلىرى ئۇكرائىنا ئىقتىسادىنى قوللاش ئۈچۈن تېز ۋە كەسكىن ھەرىكەت قىلىشقا تەييار،
– جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى قوللاش،
– بىز ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىقتىسادىي ۋە مالىيە مۇقىملىقىنى قوغداشقا بەل باغلىدۇق.
ئوكرائىنانى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق مۇھىم ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىلدى.
«بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز جىددىيلىكنى پەسەيتىش تىرىشچانلىقىنى قوللاش. قانداقلا بولمىسۇن ، بىز شۇنى تەكىتلەيمىزكى، روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھەر قانداق ھەربىي ھۇجۇمىغا تېز، ماسلاشقان ۋە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىمىز. بىز بىرلىكتە ئىقتىسادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە جازاسىنى يولغا قويۇشقا تەييارمىز.
ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا ۋە ياپونىيە G7 نى تەشكىل قىلىدۇ G7 نىڭ رەئىسلىكىنى ھازىر گېرمانىيە ئېلىپ بارماقتا.