2022-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى پەيشەنبە
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى يېڭى سودا قوراللىرىنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىپ، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن 20 يىلدىن بۇيان «بازارنى ئاساس قىلغان سىياسەتلەرگە ئەمەل قىلىش» ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا سودا ۋەكىلى (USTR) يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO) قائىدىسىگە ئەمەل قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا باھا بېرىلگەن.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ دۆلىتىنى ئاساس قىلغان، بازاردىن باشقا سىياسەت ۋە ھەركەتلىرىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۆپىيىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە زىيان سالغانلىقى ئېلان قىلىندى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سانائەت سىياسىتىدىكى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئادالەتسىز، بازارسىز ۋە بۇرمىلانغان سودا تاكتىكىسىنى قوللانغانلىقى بايان قىلىنغان دوكلاتتا، گەرچە خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقىغا 20 يىل بولغان بولسىمۇ، باشقا ئەزالارنىڭ مۆلچەرىگە زىت ھالدا ئىقتىساد ۋە سودىدا ئۆز دۆلەتنى ئاساس قىلىپ، بازاردا باشقا ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى ئورتاقلاشتى.
«تېخىمۇ كۆپ خىزمەت بىلەن تەمىنلەش» كە ئەھمىيەت بېرىش
دوكلاتتا ئامېرىكىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە كارخانىلارنى «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك خىزمەت مەيدانى» بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن يېڭىلانغان ياكى يېڭى دۆلەت ئىچى سودا قوراللىرىنىڭ لازىملىقى ئەسكەرتىلدى.
ئامېرىكا سودا ۋەكىلى (USTR) كاتېرىن تەي مۇنداق دېدى: «خىتاي 20 يىل ئىلگىرى تەشكىلاتقا ئەزا بولغان ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان دۇنيا سودا تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ قائىدىلىرى ئاساسدىكى پرىنسىپلارنى قوللىنىش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللانمىدى».
تەينىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۆز دۆلەتنى ئاساس قىلغان ئىقتىساد ۋە سودىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى قوغداش ۋە كېڭەيتىش ئارقىلىق سودا ساھەسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە كارخانىلارغا ئېغىر زىيان سالغان.
خىتايدىن ئىمپورت قىلىندىغان تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش
2018-يىلى ، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتتى دونالد ترامپنىڭ سودا قىزىل رەقىمى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كەسىپنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىگە قارشى، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىشنى قارار قىلدى.
خىتاي بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتتە «سودا ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان ئۆز-ئارا يېڭى تاموژنا بېجىنى ئېلان قىلىش مۇساپىسى باشلاندى.
تەرەپلەر 2019-يىلىنىڭ بېشىدا «1-باسقۇچ» دەپ ئاتىلىدىغان كېلىشىم بىلەن پىكىر پەرقىنى ۋاقتىنچە توختاتتى. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئامېرىكا بېيجىڭغا قاراتقان تاموژنا ئۆسۈشىنى كېچىكتۈردى، خىتاي بولسا ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى سېتىۋېلىشقا ۋەدە بەردى.