2022-يىلى 7-مارت دۈشەنبە
نېمىشقا زېلېنسكىينىڭ «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» تەلىپىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قوبۇل قىلمايدۇ؟
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىقى باشلانغاندىن بۇيان ئۇكرائىنا ھاۋا بوشلۇقىنى «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» دەپ ئېلان قىلىشقا چاقىردى.
زېلېنسكىي ئالدىنقى كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا يوللىغان يەنە بىر سىنئالغۇدا دۇنيا رەھبەرلىرىگە «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» غا بولغان تەلىپىنى يەنە بىر قېتىم يەتكۈزدى: ئۇچۇش چەكلەنگەن رايوننى ئېلان قىلىش سىزنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مەجبۇرىيىتىڭىز، ئەگەر قىلالمىسىڭىز، چوقۇم بىزگە كۈرەشچى ئايروپىلان بېرىشىڭىز كېرەك ».
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر زېلېنسكىينىڭ رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىقى باشلانغاندىن بۇيانقى بۇ يۆنىلىشتىكى چاقىرىقىغا ھېچقانداق ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىدى.
ئۇنداقتا ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون دېگەن نېمە؟
ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون دەپ قارالغان ھاۋا بوشلۇقى كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغان رايوننى كۆرسىتىدۇ.ئۇرۇش ۋە يۇقىرى سىجىللىقتىكى توقۇنۇش مۇھىتىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇش چەكلەنگەن رايونلاردا ، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كۆزىتىش ئۈچۈنمۇ بۇ رايونغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
ئۇكرائىنا ھاۋا بوشلۇقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» دەپ ئېلان قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى چوقۇم بۇ رايونغا كىرگەن روسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى توسۇشى ، ھەتتا ئېتىشى كېرەك.
بۇ ئۇسۇل غەربنىڭ قورقىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇسۇل روسىيە ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرىنى بىۋاستە ئۇرۇشقا تىقىپ قويىدۇ.