1.1K
سىياسىي فىلىم
2022- يىل 3- ئاينىڭ 16- كۈنى
خەلقئارا يارا شىركىتىنىڭ باشلىقى سۋېن تور ھولسزىر دۇنيانىڭ مىليونلىغان كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يېمەكلىك كرىزىسىغا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
روسىيە ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، بۇ رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى. يەرشارى بۇغداي سودىسىنىڭ %30 نى ئىگىلەيدىغان روسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ تەمىناتى ھازىر خەتەر ئاستىدا. 2021- يىل يىلنىڭ ئاخىرىدا بۇغدانىڭ باھاسى 245 دوللار بولغان، 2022- يىلى ئالدىنقى ئۈچ ئايدا بۇغداي باھاسى 370 دوللارغا چىققان بولۇپ، يەر شارى بۇغداي باھاسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى.